باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

مەركىزىي كومىتېت يېڭى ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىنىڭ 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش كۇرسى ئوقۇش تاماملىدى

2013.01.09 08:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كۇرسى 7-يانۋار چۈشتىن كېيىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش تاماملىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە زىچ باغلاپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىنلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىدە ئېلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە، بولۇپمۇ ياخشى ئىستىل، ئۆگىنىش ئىستىلى، مەدەنىيەت ئىستىلى تىكلەشكە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە چىڭ تۇتۇپ پۇختا ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. باشتىن ئاخىر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، روھنىڭ ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى ماركسىزملىق مەيدان، ئىدىيە، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەش، ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم. ئەمەلىيەتكە زىچ باغلاپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور يېتەكچى پىكىر، سىياسەت، مۇھىم نىشان، ۋەزىپىلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىدىيەۋى تەپەككۇرى ۋە سىياسىي تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەسىلىلەرنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقتىكى قىيىن مەسىلىلەر، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يولۇقۇۋاتقان كەسكىن تېمىلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر ئاز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭدا بىر ئاز يېڭىلىق يارىتىش، بىر ئاز ئىلگىرىلىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. رەھبىرى كادىرلار باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە