باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا 18–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

2012.12.21 09:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، قاغىلىق ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر ناھىيەدىكى ئىدارە–ئورگان، زاۋۇت، كان–كارخانا، ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغىچە بېرىپ، 18–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 11–دېكابىرغىچە ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىغا 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيەسى، 18–قۇرۇلتاي ھۆججەتلىرى توپلىمىنى تارقىتىپ، ئۇلارنى 65 مىڭ 379 ئادەم/قېتىم ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا 18–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش بويىچە 5695ئادەم/قېتىم زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 18–قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە 1526 قارا تاختاي گېزىتى ئىشلەندى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەسىرات ماقالىسى يازدى.

مەسئۇل مۇھەررىر :