باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

چا پېيشىن ئۆمەك باشلاپ ۋېنگرىيەدە 18-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تونۇشتۇردى

2012.12.19 14:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چا پېيشىن 17-دېكابىر ئۆمەك باشلاپ ۋېنگرىيە دىپلوماتىيە تەتقىقاتخانىسىغا بېرىپ 18-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ۋە جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تىپىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چۈشەندۈردى. چا پېيشىن يىغىن قاتناشچىلىرىغا جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى تونۇشتۇردى. بۇ جۇڭگو كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىدا ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا يۈز بولغاندا باي-باياشات، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ بولۇش.

  ۋېنگرىيە چا پېيشىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ياۋروپادىكى زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى. بۇندىن بۇرۇن ئۇلار شۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە