باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى رۇسىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيىگە قۇرۇلتاي روھىنى تونۇشتۇردى

2012.12.19 14:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى تەشكىللىگەن جۇڭگو كومپارتىيىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 17-دېكابىر موسكۋادا بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيىسى ۋە رۇسىيە كومپارتىيىسى ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا 18-قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق روھىنى بولۇپمۇ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان زور نەزەرىيىۋى نۇقتىنەزەرلەر ۋە زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيىسى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى مازۇلېفۇسكى مۇنداق دېدى: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيىسى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسى ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيىسى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىغا دىققەت قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان مۇھىم قارارلارنى تېخىمۇ ئوبدان چوڭقۇر چۈشىنىشىگە پايدىلىق.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە