- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پارتىيە ۋەكىلىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر كۈنى ـــ ۋەتەندىكى ئۆزگىرىش
2012.11.07 16:44
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ، بېيجىڭ، 6-نويابىر خەۋىرى : 6-نويابىر 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىدىغىنىغا يەنە ئىككى كۈن قالدى . ئاساسىي قاتلام پارتىيە ۋەكىلى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كورلا شەھىرى ئىتتىپاق كوچىسى لىخۇا مەھەللىسىدىن كەلگەن دىلنۇر ئەزىز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۇەنى 9-دىۋىزىيەسى 161-تۇەن 9-ليەندىن كەلگەن مېي ليەن بىلەن ئەتىگەندىلا تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىشقا كېلىشتى .
دىلنۇر ئەزىز يول بويى نۇرغۇن سۈرەتكە چۈشۈپ ، رەڭلىك ئۇچۇر شەكلىدە ئۆز مەھەللىسىدىكىلەرگە يوللاپ بەردى . ئۇ : ‹‹ مەھەللىدىكىلەر بېيجىڭغا كەلگىنىمنى بىلىدۇ ، ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى مەملىكەت خەلقىگە ئېلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغان ، مېنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىمنى كۆرسە ، كۆپچىلىك چوقۇم خۇشال بولىدۇ ›› دېدى .
ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەڭ ياش ۋەكىل بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ 2-قېتىم بېيجىڭغا كېلىشى. ئىلگىرى ئۇ پەقەت تيەنئەنمېن مەيدانىغىلا بارغانىدى ، بۇ قېتىم يەنە چاڭگا ، سۇ كۈپى ، سەددىچىن سېپىلىنى كۆرمەكچى . ئۇ ئاپپاراتى ئارقىلىق بېيجىڭدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ ، كورلا شەھىرى لىخۇا مەھەللىسىدىكى كىشىلەرگە ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرماقچى .
لىخۇ مەھەللىسى كورلىنىڭ شەھەر بىلەن بازار بىرلەشكەن قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ، % 80 تىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى تەشكىل قىلىدۇ . يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر يۈرۈش خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشى بىلەن ، بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە