باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى

تولۇق تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى

2012.11.05 14:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۆنۈگۈن «تولۇق تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى!» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان، ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئاچقۇچلۇق دەۋرىدە ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش دەۋردە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. يىغىندا ئۆتكەن بەش يىللىق پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت، تەجىربىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ ۋە ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەرەققىيات نىشانى ۋە ئۇلۇغ نىشان يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا ئالغا ئىلگىرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىنىدۇ، يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام چىقىلىدۇ. يىغىننىڭ ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر.

  پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەر ئىلمىي تەرەققىيات باش تېما قىلىنغان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇۇش ياساشنى تېزلىتىش ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك تاللاش ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھازىر ھەم ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى، ھەم مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۈرسەت مەزگىلى. خىرس مىسلىسىز، پۇرسەتمۇ مىسلىسىز دەرىجىدە. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىشەنچىگە تولدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە