باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى- شا شيۇخۇا

2012.08.27 09:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: بېيجىڭ شىچىڭ رايونى نىيۇجى كوچا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شا شيۇخۇانىڭ نىيۇجىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 13 يىل بولدى، ئۇ ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھەمرىيى، سردىشى، ئىش بېجىرىپ بېرىدىغان ئادەمگە ئايلاندى. بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن شا شيۇخۇا نىيۇجىدا چوڭ بولغان خۇيزۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ئېتىقادى ئوخشىمايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا خىزمەت داۋامىدا ھەقىقەتەن قېيىنچىلىق مەۋجۇت. ئەمما پارتىيىلىك كادىرلار ئاممىنىڭ چاكىرى، چوقۇم ئۇلارنىڭ ياخشى مۇلازىمەتچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  ئالدىنقى يىلى بەزى ئاھالىلەر پەرزەنتىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كەلدى، چۈنكى نىيۇجىدا بىرلا مۇسۇلمانچە يەسلى بار بولۇپ، سان چەكلىك ئىدى، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىرايتتى.

  شا شيۇخۇا تېخىمۇ ئالدىرايتتى، ئۇ بۇرۇنلا تەكشۈرگەنىدى، يېڭىدىن تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، 2011-، 2012-يىلى يەسلىگە كىرىدىغان بالىلار بارغانسېرى كۆپەيگەنىدى. ئۇ دەرھال كوچا خىزمەتچى خادىملىرىنى يېغىپ، چارە ئىزدىدى.

  ئۇ ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلار يەسلىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تۆت قەۋەتلىك بىنادا ئەدىلىيەخانا بىلەن شەھەر باشقۇرۇش شۆبە ئەترىتى، شىمالدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىنادا ئۆي-مۈلۈكنى باشقۇرۇش شىركىتى بار ئىدى.

  شا شيۇخۇا بۇ ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا قايتا-قايتا خىزمەت ئىشلىدى، ئۇنىڭ سەمىمىيىتى ۋە جاھىللىقى بىلەن بۇ ئورۇنلار كۆچۈشكە قوشۇلدى.

  ئۆتكەن يىلى بۇ ئۈچ ئورۇن ئاخىرى كۆچتى. ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىمۇ ئالدى بىلەن باشلاندى، ئىچى، سىرتى قايتىدىن بېزىلىپ، يەسلىنىڭ فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلدى، نەچچە بىنا ئوتتۇرسىدىكى تام ئۆرۈۋېتىلىپ بىرلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت بوشلۇقى ھازىرلاندى.

  شا شيۇخۇا مۇخبىرنى يەسلىگە باشلاپ كىردى، يەسلىگە 2500كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە يەر كۆپەيتىپ بېرىلگەنىدى، ئالتە سىنىپ كۆپەيتىلىگەن بولۇپ، يەسلىگە كىرىدىغانلار سانى 240تىن كۆپىيىپ، 400گە يېتىپ، بىر ھەسسە ئاشتى.

  بۇ يەسلى نىيۇجىدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۇنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن نىيۇ مەسچىتى، مىللىي ساناتورىيە ، مۇسۇلمانلار باشلانغۇچ مەكتىپى، مۇسۇلمانلار دەپنە ئورنى قاتارلىقلار ئۆزگەرتىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نەچچە مەھەللىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر «خەلق تۇرمۇشى كوچىسى» پىلانلاپ چىقىلدى، بۇ پاراۋانلىق، مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش، قېرىلارنى بېقىشتەك ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۇنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرى: شا شيۇخۇا نىيۇجىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، ئائىلىسىگىمۇ قاراپ بولالمىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرلىدى، دېدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە