باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى

پارتىيەنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلۇشىدىكى 10 يىل

2012.08.12 12:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. 16-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ دېموكراتىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، 10 يىل ئىچىدە، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىقى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە دېموكراتىك ھوقۇق مەنپەئەتى كاپالىتى داۋاملىق كۈچەيتىلدى، پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سايلام تۈزۈمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، پارتىيەنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، پارتىيەنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلۇشىدىكى بىر يۈرۈش نەتىجىلەر 82مىليوندىن كۆپ پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنى تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاياتى كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇردى.

  پارتىيە سايلام تۈزۈمى- پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسى تۈزۈمى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

  10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدىكى سايلام تۈزۈمىگە بولغان ئىزدىنىش بىلەن ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئامما كۆرسىتىش، ئامما سايلاش، ئامما كۆرسىتىپ بىۋاسىتە سايلاش قاتارلىق ئىسلاھاتلار جياڭسۇ، يۈننەن، سچۇەن قاتارلىق سىناق نۇقتا رايونلاردا كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلدى. يەرلىك پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى جەريانىدا، يېزا بازارلىق پارتكوم رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ئامما تونۇشتۇرۇپ بىۋاسىتە سايلاش سىناق نۇقتا رايونلىرىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى.

  پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈمى-پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي تۈزۈمى، پارتىيەنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ سىستېمىلىق كاپالىتى.

  10 يىل ئىچىدە پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ بېرىش تۈزۈمى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە تەدرىجىي كېڭەيتىلدى، «پارتىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش»نى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈشتىن پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي تۈزۈمىگىچە بولغان سىناق نۇقتا كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيتىلدى، پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈمى داۋاملىق مۇكەممەللەشتى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ تولۇق يۈرگۈزۈلدى.

  پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش-پارتىيەنىڭ دېموكراتىك بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

  پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا: «پارتىيە ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى ئۇچۇرنىڭ يۇقىرى تۆۋەنگە يەتكۈزۈلۈشىنىڭ راۋان بولۇشى، پارتكوم ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى ، پارتىيە تور بېكەتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش» قاتارلىق بىر يۈرۈش كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ پىلانى تۈزۈلدى.

  10 يىل ئىچىدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى قاتارلىقلار سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تور بېكىتى قۇرۇپ، مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى 13 تارماق، ئىدارە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تولۇق ئەمەلىيلىشىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى باشلاندى، كۆپ ساندىكى ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر پارتكوملىرىمۇ ئاخبارات باياناتچىسى تەسىس قىلدى، پارتكوم ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمى مەملىكەت بويىچە رەسمىي تۇرغۇزۇلدى، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپلا قالماستىن، بارغانسېرى ئومۇميۈزلۈك قاراشقا ئايلاندى.

  پارتىيەنىڭ 17-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «يەرلىك پارتكوملارنىڭ زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى ۋە مۇھىم كادىرلارنى ئاۋاز بېرىش تۈزۈمى بىلەن ۋەزىپىگە قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاۋاز بېرىش تۈزۈمى- ئومۇميۈزلۈك ھالدا جايلاردىكى پارتكوم زور ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش داۋامىدا كۆرۈلىدۇ.

  10 يىلدىن بۇيان، يەرلىك پارتكوملار زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش ۋە مۇھىم كادىرلارنى ئاۋاز بېرىش تۈزۈمى بىلەن ۋەزىپىگە قويۇشنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلدى، ئىلمىي ، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن يەنىمۇ تەمىن ئەتتى.

  10 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە ئىچى دېموكراتىيە نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسى ۋە تەشەببۇسى جەزمەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەم بولىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، ئىجادكارلىق كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچى جەزمەن يەنىمۇ ئاشىدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە