باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

تارىختا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسلەر

2015.02.05 18:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەۋرىمىزدە «ئىقتىسادىي كىرىزىس» دېگەن ئۇقۇم بىزگە دېگەندەك ناتونۇش بولمىغان بىر نۇقتىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆتكۈنچى ئەمما ئېغىر ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقلار، ئادەتتە «سەرمايىنى مەنبە قىلغان ھالدا»، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ «ئىقتىساد»لىرىدا كۆرۈلمەكتە. نېمىشقىكىن «1929-يىل دۇنيا ئىقتىسادىي بوھرانى» ۋە «بۈيۈك يىمىرىلىش» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتالغان كىرىزىس، سەرمايە ئاساسىي ياخشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى يۇقىرى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ‹بوھران›نىڭ تويۇقسىزلا مەيدانغا كېلىشى توغرىسىدا ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان بەس-مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى؛ لېكىن ئوتتۇرىغا چىققان ئاساسلىق سەۋەبلەر قاتارىدا 1-كىرىم تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىك؛ 2-شىركەتلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ئارىسىدىكى مۇۋازىنەتسىزلىك؛ 3-بانكىلارنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى؛ 4-چەتئەل قەرزلىرىنى تۆلەش مەسىلىسىدىكى قالايمىقانچلىق؛ 5-ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدىكى تەجرىبىسىزلىك؛ 6-پۇل مەسىلىسىدە ‹ئالتۇننى ئۆلچەم قىلىش›تا چىڭ تۇرۇش ... قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن:

  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامىللار ئىچىدىن پەقەت بانكىلارنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى مەسىلىسىگە بىر مىسال كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، 1922-يىلى مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي بوھراننىڭ نېمە ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتۈش لازىم. 1920-يىللاردىكى ئامېرىكىدا شۇنداق بىر ئىقتىسادىي قۇرۇلما بار ئىدىكى، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش، ئالتە بانكا ئېچىلىپ خىزمەت باشلايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەزگىللەردە بانكىلارنىڭ ‹سەرمايىسى، پۇل زاپىسى ۋە كىرېدىت نىسبىتى›نى بەلگىلەپ بېرىدىغان قانۇنى تۈزۈلمە يوق ئىدى. ‹تەشەببۇسكارلىق ئەركىنلىكى› دەپ ئاتىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە بىر خىل بېشى بوشلۇق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى؛ يەنى 19-ئەسىر لىبېرالىزىمىنىڭ ‹ئۆتكىلى قويۇڭلار، قىلغىلى قويۇڭلار› دېگەن ئىبارىلىرىنىڭ، قائىدىسىز، پىرىنسىپسىز شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى مەۋجۇت ئىدى. بۇ قۇرۇلما جەھەتتىكى نۇقسانلارنىڭ يەنە بىر بىشارىتى، ھەر كۈنى بەش، ئالتە بانكا پائالىيەتكە ئۆتۈۋاتقان بولسا، يەنە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى، ئۈچ بانكىنىڭ ۋەيران بولۇپ تۇرۇشى ئىدى.

  لېكىن 20-يىللاردا زۇڭتۇڭ ھوۋېر رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى روشەن شەكىلدە ‹قىسقا مەزگىللىك› ھالقىما ۋە تەرەققىي قىلىشقا سەھنە بولغانلىقى ئۈچۈن، بانكىلارنىڭ ۋەيران بولۇش مەسىلىلىرىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلىپ كەتمەيتتى. نەتىجىدە بولىدىغان ئىش بولدى؛ 1929-يىلى 24-ئۆكتەبىردىن 29-ئۆكتەبىرگىچە پاي چېكى بازارلىرىدا كۆرۈلگەن تېز سۈرئەتتە چېكىنىش ئەھۋالى، دۇنيا ئىقتىساد تارىخىنىڭ ئەڭ ‹زۇلمەتلىك كۈنلىرى› سۈپىتىدە خاتىرىلەردىن ئورۇن ئالدى. شۇنداق قىلىپ ھەجىمى، تارقىلىش-تەسىر كۆرسىتىش ساھەسى ۋە مەيدانغا كېلىش ۋاقتى ئېتىبارى بىلەن زامانىۋى دۇنيانىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ زور ئىقتىسادىي بوھرانى ئوتتۇرىغا چىققان بولدى.

  ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسلىرى ئىنسانلارنى بەزىدە تار دائىرىدە، بەزىدە دۇنيا مىقياسىدا تەسىرگە ئۇچرىتىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. 1929- يىلى مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي كىرىزىس پۈتۈن دۇنياغا 10 يىل تەسىر كۆرسەتتى؛ بۇ جەرياندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر، كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ، باشلىرىغا كەلگەن پالاكەتلەرنىڭ چارىسىنى تېپىشنىڭ كويىغا چۈشۈشتى. ئۇ مەزگىللەردە كوللېكتىپ ھالدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى، مۇئەييەن جەريان ناھايىتى ئېغىر شارائىتلار ئاستىدا ئۆتتى. بىراق شۇ مەزگىللەردە، يەنى 1928 ۋە 1929-يىللىرى ئارىسىدا جۇڭگودا مەيدانغا كەلگەن بىر قېتىملىق تەبىئىي كىرىزىس ناھايىتى ئېغىر پالاكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي قۇرۇلما تولۇق شەكىلدە ئىزىغا چۈشمىگەن، يەنە بىر تەرەپتە ئىچكى داۋالغۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ۋەقەسى، تولۇق مەنىدە بىر پاجىئەنى بىرلىكتە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. يوقسۇللۇق ۋە ئاچارچىلىق ئادەمنى قورقۇتقۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىدى: ئۈچ مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى يىل بويىچە جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن ئاچارچىلىقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان جاي شەنشى ئۆلكىسى بولدى؛ شەنشىدە ئىككى يېرىم مىليون كىشى ھەم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ھەم ئۇزۇن داۋاملاشقان ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى...

  ئىقتىسادىي كىرىزىسلار 1990-يىللاردىمۇ دۇنيانىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى... دۇنيادىكى كىرىم تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىك، باي ۋە تەرەققىي قىلغان ‹شىمال› دۆلەتلىرىنىڭ، يوقسۇل ۋە تەرەققىياتى تۆۋەن ‹جەنۇب›قا قارىتا تۇتقان پەرۋاسىز ۋە شەخسىيەتچىل پوزىتسىيەسى، ئىقتىسادنى مەنبە قىلغان، جۇغراپىيەلىك تۈزۈلمە ۋە مۇھىت تەرىپىدىن سۈرئىتى ئاشۇرۇلغان پالاكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىدى. مۇشۇ تۈرگە كىرىدىغان پالاكەتلەردە 1998- يىلى سۇداندا كەم دېگەندە 2 مىليون ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىچكى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق بېسىۋالغان، ئىقتىسادىي تەرتىپ-ئىنتىزام، دەيدىغان نەرسە بولمىغان سۇداندا ھەقىقىي مەنىدە بىر پاجىئە مەيدانغا كەلگەن ئىدى؛ بىر يېرىم مىليون كىشىنىڭ 10 مىڭ توننا بۇغداي-قوناق بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئىنتايىن ئىنچىگە ھېسابلاپ چىققان ‹شىمال› نىڭ قارار قىلغۇچى دۆلەتلىرى، مەزكۇر پالاكەتلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىدىغان چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى...

  ئاسىيادىمۇ شۇ يىلى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە مالىيە كىرىزىسلىرى مەيدانغا كەلدى. 1998-يىلى ماي ئېيىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ھىندونېزىيەدە كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي كىرىزىس، ئىجتىمائىي ئىسيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 204 مىليون نوپۇسى بىلەن دۇنيادا نوپۇس جەھەتتە 4-ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندونېزىيە، زۇڭتۇڭ سۇھارتونىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى 1997-يىلى كۈز ئايلىرىدا خەتەردىن سىگنال بېرىشكە باشلىغان ئىدى. بانكىلارنىڭ بەرگەن كىرېدىتلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئىلگىرى تۆلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن، دۆلەتنىڭ پۇل بىرلىكى رۇپىيە تېز سۈرئەت بىلەن قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىدى، كىشىلەرنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەكلا ئامېرىكا دوللىرى سېتىۋېلىشقا تىرىشىشى، بارلىق ئىشلارنى سىزىقىدىن چىقىرىۋەتتى ۋە ئاسىيا مىقياسىدا پۇل پاخاللىقىدا پارتلاش يۈز بەردى. نەتىجىدە ئىجتىمائىي ئىنكاس ھىندونېزىيە مىقياسىدا زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار پۈتۈن خەلقنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى، ۋەقەلەر چوڭ-كىچىك 17 مىڭ 500 ئارالدىن تەشكىل تاپقان ھىندونېزىيەنى قانغا بويىدى، كەم دېگەندە 1200 ئادەم شۇ قېتىملىق قالايمىقانچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. 1998-يىلى 21-ماي كۈنى زۇڭتۇڭ سۇھارتو ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى، بىراق ئارقىسىدا ناھايىتى ئېغىر ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي زىيان 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر