نىلوفەر . لاخما ئافغانىستان ئارمىيىسىدىكى بىردىبىر ئايال ئۇچقۇچى ، ئۇ ھازىر ھاۋا ئارمىيىسنىڭ لېيتناتتى . 22 ياشلىق نىلوفەر ئافغانىستان پايتەختى كابولدىن بولۇپ ، ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيىسى 12-03 يىللىق ( UPTClass 12-03) ئۇچقۇچى تەربيلەش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى . ئۇ بەش نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ . مەشىق جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇلارغا ياردەم قىلىپ مەشىق قىلدۇرغان . ئۇ تۇلۇق كۇرۇس ئۇچۇش مەشىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئافغانىستان ئارمىيىسىدىكى تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى بولۇپ قالدى ؛
نىلوفەر مۇنداق دىدى :" مەن كىچىكىمدىن باشلاپ كۆك ئاسمانغا ئامراق ئىدىم ، دائىم ئۇچقۇچى بولۇپ، كۆك ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرۈشنى ئويلاتتىم، مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى، مەن ئاخىرى ئۇچقۇچى بولدۇم ".