2013-يىلى 17-نويابىردىكى خەۋەر: ھىندونېزىيە سۇماتېرا ئارىلىنىڭ Sekayu دېگەن يېرىدىكى ئادى ئىككى ياش چېغىدا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان بولۇپ ، كۈنىگە ئاز دېگەندە 40 تال تاماكا چېكىدىكەنتۇق ، كېيىن ئۇ ئاخىرى تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئىشتىھاسى ئاجايىپ ئېچىلىپ كەتكەن ، يەنە كېلىپ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بەك ئامراق بولۇپ كەتكەن . تۆت ياشلىق ئادىنىڭ تەن ئېغىرلىقى تەڭتۇشلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، نۆۋەتتە دوختۇر ئۇنىڭ تاماقنى ئازايتىپ ئورۇقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى باشلىغان.