بۇ سۈرەتلەرنى فوتوگراف MelihSular تارتقان بولۇپ ، ئۇ دەسلەپ غارغا كىرگەندە تۇز كانىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىدىن ئەنسىرىگەن . بۇ تۇز كانى كونىراپ كەتكەچكە ، ھاۋاسى سالقىن ، غەيرىي پۇراقتىن خالىي ئىكەن . ئەتراپتىكى تاملاردىكى تۇز مەدەن (رۇدا) لىرى ئەينى چاغدىكى كولاش سايمانلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئىز-قۇرۇلمىلىرى تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگەرگەن ئىكەن . مەلىخ ھەيرانلىقتا مۇنداق دېگەن : ‹‹قەدىمدىكى تېخنىكىلار تەرەققىي قىلمىغان ، ئۇلارنىڭ ئاددىي قورال ۋە جۈپ قوللىرىغىلا تايىنىپ مۇشۇنداق غارنى قېزىپ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ، ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ››.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ غارنى ئەڭ دەسلەپتە خىتلار (Hitties) قازغان ئىكەن . خىتلار ئوتتۇرا شەرق تەرەپتە ياشىغان بولۇپ، بىر ئەسىر چاقنىغان ئىمارەتلەرنى ياسىغان ، كېيىن مىسىر پىرئەۋىنىنىڭ ئۇدا نەچچە يىل ئۇرۇش قوزغىشى سەۋەبىدىن ئەڭ ئاخىرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.