چاسا تاۋۇز بىلەن ئادەتتىكى تاۋۇزنىڭ تەمى ئوخشاش بولۇپ ، ھەر بىر تاۋۇزنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 6 كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلىدىكەن . ئادەتتىكى تاۋۇز بىلەن بىردىن بىر پەرقى باھا بولۇپ ، چاسا تاۋۇزنىڭ باھاسى ئادەتتىكى تاۋۇزنىڭ 300 ھەسسىگە توغرا كەلگەن . رۇسىيەگە سېلىشتۇرغاندا ، ياپونىيەدە چاسا تاۋۇزنىڭ باھاسى خېلىلا ئەرزا بولۇپ ، ھەر بىر تاۋۇز تەخمىنەن 80 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 490 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) ئىكەن .
رۇسىيەدىكى مەلۇم بىر زەنجىرسىمان دۇكان سېتىش بۆلۈمى ياردەمچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ‹‹ تاۋۇز قىزغىنلىقى ›› تېخى كۆتۈرۈلمىدى ، بەزى خېرىدارلار چاسا تاۋۇزغا قىزىقىپلا سېتىۋالىدۇ . چاسا تاۋۇز رۇسىيەگە يېڭى كىرگەندە بىر دانىسى 700 ئامېرىكا دوللىدىن سېتىلغان ، بىراق ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، باھاسى تېزلىكتە ئۆسۈپ 860 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان . يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ، رۇسىيەنىڭ ئادەتتىكى تاۋۇزلىرى بازارغا كىرىدىغان بولۇپ ، ھەر بىر كىلوگرام تاۋۇزنىڭ باھاسى تەخمىنەن 15 رۇبلى (تەخمىنەن 1.4 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) بولىدىكەن .