ئىنچىكىلەپ قارىغاندا ، ھەيرانلىق بىلەن شۇنى بايقايسىزكى ، بۇ جايدا تۇرۇشلۇق 500 ئائىلىلىكنىڭ ئىچىۋاتقىنى بىر تەرەپ قىلىنمىغان پاسكىنا سۇ (يۇندا) ئىكەن . يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ مەھەللىنى 1.8 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قورشاۋ تام بىلەن قورشىۋەتكەن بولۇپ ، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ رايون سېپى ئۆزىدىن نامراتلار مەھەللىسىگە ئايلىنىپ قالغان .