مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى قانۇنچىللىق ئاساسىنى چوڭقۇر كۈچەيتىش لازىم

2021.01.13 19:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش − پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا «ئائىلە زوراۋانلىقىنى مەنئى قىلىش» __ تويلىشىش، ئائىلە قىسمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغانلىقىنى، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈدىغانلىقىنى، جەمئىيەت تەرتىپىگە خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى، ئالاقىدار قانۇن ۋە تۈزۈملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشتىكى قانۇنچىللىق ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئايال سودىيەلەر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىغا دائىر ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى. سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى ھەر يىلى تارقىتىدىغان جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى سانى تەدرىجىي كۆپەيگەن. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئەرزىيەت ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى ئائىلە زوراۋانلىقى ئەرزىدىن 39 مىڭ 371 نى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 تۆۋەنلىگەن؛ 2019-يىلى ئائىلە زوراۋانلىقى دەۋاسى 36 مىڭ 2 پارچە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 تۆۋەنلىگەن. سوت مەھكىمىسى تارقاتقان جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى تاپشۇرۇۋالغان ئائىلە زوراۋانلىقى بىلەن ئەرز قىلىش سانى يىلدىن-يىلغا ئازايغان، بۇ «بىرى ئېشىش، بىرى تۆۋەنلەش»تەك ئۆزگىرىش دەل دۆلەتنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قانۇن بويىچە قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى نامايان قىلغان.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە قۇرۇلۇشىدا يەنە نۇرغۇن ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت، ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە ئائىلە ماجىراسى تېخىمۇ يوشۇرۇن، مۇرەككەپ. شۇنداق بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىنى چەكلەشتەك روشەن پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يېقىندا، نۇرغۇن جايلار قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش تۈزۈم-بەلگىلىمىلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ياخشى مېڭىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئۈچۈن بىخەتەرلىك قۇلۇپى ئورناتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ