مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش لازىم

2020.12.16 18:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا ئېچىلغان مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئەڭ زور نەتىجىسى شۇكى، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى بېكىتىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، بايانلىرى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي روھنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇننى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ مۇقىم ئىدارە قىلىشتۇر. ئىنسانىيەت تۈزۈم مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى «قانۇن-پەرمان ئىجرا قىلىنسا، دۆلەت ئىدارە قىلىنىدۇ، قانۇن-پەرمان بوشاشسا، دۆلەت مالىمان بولىدۇ»، دېگەن چوڭقۇر قائىدىنى ئىسپاتلىدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىدە، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى، قانۇنچىللىقنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  يول مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. قانداق قانۇنچىللىق يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلەش − سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. دۇنيادا ھەممە يەرگە باب كېلىدىغان قانۇنچىللىق ئەندىزىسى يوق. ئەگەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلسە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا پاسسىپ رول ئوينايدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا، بەزى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئەندىزىسىنى ئاددىيلا ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكتىن، ياخشى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋەتتى. قانۇنچىللىق − زامانىۋى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تۈپ كاپالىتى، ھەرقانداق بىر دۆلەت قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قانۇنچىللىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى شەرت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ