مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئىقتىسادى چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

2020.12.16 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2020-يىلى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت چوڭ سىناققا تاقابىل تۇرىدىغان ئالاھىدە يىل. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇمنىڭ زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئۆستى، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىدىن ئۈمىد بار، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر قېتىملىق كىرىزىس، شۇنداقلا بىر قېتىملىق چوڭ سىناقتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ماكرو سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ، ياراملىق قىلىپ، پۇختا پۇل سىياسىتىنى تېخىمۇ جانلىق، مۇۋاپىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ماكرو سىياسەتنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، ئىلمىي، مۇۋاپىق قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ، ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ