مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.12.16 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئورتاق بېيىش − سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، «ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەكىتلىدى. بۇ، بىزنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش − ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە.» بىز ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىش مەنبەسىنى تولۇق ئېچىشىمىز كېرەك؛ ھەم شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە كىرىم پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىسلاھات − ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.» ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇشتا ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش شەرت. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىدىغان، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ