مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.12.15 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا ئېچىلغان «2020-يىللىق تور ئاممىۋى خىزمىتى باشلىقلار يىغىنى»دا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش»تەك ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىق نۇرغۇن مىساللار «تور ئاممىۋى خىزمىتى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش مىساللىرى ئامبىرى»غا كىرگۈزۈلدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان دەرھال بېجىرىش» خىزمەت مېخانىزمى يولغا قويۇلغان يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، يېڭى دەۋر مەزمۇنىنى 12345 شەھەر ئاھالىسى قىزىق لىنىيەسىدىن ئىبارەت بۇ كونا ماركىغا ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى غەم قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش» تەلەپ قىلىندى، بۇ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بۇ تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بېيجىڭنىڭ «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش»تە، «خەلق تەلىپىنى ئېيتقان ھامان ئىنكاس قايتۇرۇش، شەپىنى ئاڭلاپلا ھەرىكەتلىنىش، تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش»تا ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك قىزىق لىنىيەلەرنى بىرىكتۈرۈپ 12345 شەھەر ئاھالىسى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە يىغىش ئارقىلىق، بېيجىڭ شەھىرى پۈتۈن شەھەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاممىنىڭ دەۋا-تەلىپىنى قوبۇل قىلىش سۇپىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك مەسلىھەت بېرىش، تەكلىپ بېرىش، پاش قىلىش، ئەرز قىلىش ئىشلىرىنى «بىر نومۇر بىلەن بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئىنكاس قايتۇرۇش نىسبىتى، ھەل قىلىش نىسبىتى، رازى بولۇش نىسبىتىدىن ئىبارەت «ئۈچ نىسبەت» بويىچە باھالاش مېخانىزمى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «كۆزى بىلەن تۆۋەنگە قاراش، پۇتى بىلەن ئالدىغا مېڭىش»، «ئاممىنى چۆرىدەپ ئايلىنىش»، «بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ ئىشلەش»تەك خىزمەت ئىستىلىنى شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، بېيجىڭدا «شەپىنى ئاڭلاپلا ھەرىكەتلىنىش، ئىش بولسىلا بېجىرىش»تىن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېجىرىش، ئەرز قىلماستىلا بېجىرىش»كە كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ