مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورىنىڭ «ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ئۆلۈش»كە قارىتا ئۈچىنچى ئوبزورى: بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز

2020.12.07 18:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تور ئەھلىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى − بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقە تورىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىنى بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن، پات-پات يۈز بېرىۋاتقان ئاشكارىلاشنىڭ ئەكسىگە يېنىشى ۋە تور زوراۋانلىقى بىزگە شۇنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىدۇكى، ئاممىۋى پىكىر «كېمىنى كۆتۈرەلەيدۇ»، شۇنداقلا «چۆكتۈرەلەيدۇ».

  تور ئەھلى ئولىشىۋالغان تۈرلۈك ۋەقەلەردە، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىدىن ئاممىۋى پىكىرنىڭ سوت قىلىشىغىچە، پەقەت بىر قەدەملا ئارىلىق بار. ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ چېگراسى مۈجمەللىشىپ كەتكەن ھامان، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئاخىرىدا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

  يېقىندا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، يالغاندىن قانلىق كىيىم ياساپ مۇئەللىمگە تۆھمەت قىلغان گۇاڭجوۋلۇق ئانا جازاغا ھۆكۈم قىلىندى. گۇاڭجوۋ شەھىرى بەييۈن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ليۇ XX كە ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. 9-ئايدا لو فامىلىلىك ساقچىلارنىڭ «لياڭ يىڭنىڭ باسقۇنچىلىق ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان دېلوسى»غا دېلو ئاچماسلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، لياڭ يىڭنىڭ ھەق تەلەپ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا چېقىلىش دەۋاسىنىڭ نورمال داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جياڭ گې دېلوسىدا، تور ئەھلى تەن فامىلىلىك يامان نىيەتتە تېما يوللاپ، جياڭ گېنىڭ ئانىسىغا ھۇجۇم قىلغان، ئاخىرىدا ھاقارەتلەش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىشى قارار قىلىنغان. بۇ ھۆكۈم ئۆرنەكلىرى شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتسەك، قانۇن ھەرگىز مادارا قىلمايدۇ.

  ئەركىنلىك ئەزەلدىن چېگراسىز ئەمەس، تور بوشلۇقىمۇ شۇنداق. مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى بولغان تور بوشلۇقىنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولسا، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولىدۇ؛ تور بوشلۇقى قالايمىقانلىشىپ، ئېكولوگىيەسى ناچارلاشسا، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  نەزىرىمىزنى بىر قېتىملىق «ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ئۆلۈش» ۋەقەسىگە قاراتساق، ئاشكارىلىغۇچىغا نىسبەتەن، ئاممىۋى پىكىرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق تەلىپىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ، لېكىن ئاممىۋى پىكىر ئارقىلىق كۈشكۈرتۈشكە بولمايدۇ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، كۆپتۈرۈۋەتمەسلىك، شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماسلىق – ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقتۇر.

  ئەتراپتىكى ئولاشقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەخلاققا باھا بېرىشتىن بۇرۇن، ئەقىل بىلەن چۆرىدەش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، ئاچچىقىنى چىقىرىپ، ئاممىۋى پىكىرنى خاتا يولغا يېتەكلىمەسلىك، خاتاغا بولۇشۇپ، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق − ئالدىنقى شەرتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ