مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلى راستىنلا ئاجرىشىشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈۋېتەمدۇ؟

2020.12.07 18:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «سوغۇققان» بولۇڭ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاجرىشىشتا بۇ بىر باسقۇچ كۆپىيىدۇ! خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا تويلىشىشنى تىزىملاش تەرتىپىنى تەڭشەپ، ئاجرىشىش تەرتىپىدە «سوغۇققان بولۇش مەزگىلى»نى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتتە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. بەزىلەر سوغۇققان بولۇش مەزگىلى «توي مۇناسىۋىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى»، دەپ قارىماقتا، يەنە بەزىلەر «ئەركىنلىكنىڭ توسالغۇسى» دەپ قاراپ، «كۆزنەكتىكى خەۋپ-خەتەر مەزگىلى»گە ئايلىنىپ قېلىشتىن، ھەتتا ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەكتە.

  ئاجرىشىشتىكى سوغۇققان بولۇش مەزگىلى راستىنلا ئاجرىشىشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈۋېتەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىر تەرەپتىن، سوغۇققان بولۇش مەزگىلى پەقەتلا خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا كېلىپ ئىلتىماس قىلغان كېلىشىم بىلەن تويدىن ئاجرىشىشقا ماس كېلىدۇ، دەۋالىشىپ ئاجرىشىشقا ماس كەلمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەممە ئاجرىشىشنىڭ 30 كۈنلۈك سوغۇققان بولۇش مەزگىلىدىن ئۆتۈشى ھاجەتسىز. دەۋالىشىپ ئاجرىشىشتا تالاغا قاراش، ئائىلە زۇلۇمى سېلىش، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تۈپەيلىدىن توي مۇناسىۋىتى بۇزۇلسا، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەسى كۈچكە ئىگە بولمىسا، تويدىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

  يەنە بىر تەرەپتىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلىنى بېكىتىشتىكى قانۇن چىقىرىش مەقسىتى توغرىسىدا بۇرۇنلا چۈشەنچە بەرگەن، تويدىن ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلىنى كۆپەيتىش تۈزۈمى ئاساسلىقى يېنىكلىك بىلەن ئاجرىشىش ھادىسىسىنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتىلغان. گەرچە قانۇن ئاجرىشىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توي مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ھەرگىزمۇ «گېپى بىر يەردىن چىقماي قالسىلا ئاجرىشىدىغان» ئىش ئەمەس، بەلكى تويدىن كېيىنكى ئائىلىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، سوغۇققان بولۇش مەزگىلىنى كۆپەيتكەندە، يېنىكلىك بىلەن ئاجرىشىدىغان ئەر-خوتۇنلارغا توي مۇناسىۋىتىنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان ياكى پۇشايمان قىلىدىغان بىر پۇرسەت بەرگىلى بولىدۇ.

  قىسقىسى، ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلىنى تەسىس قىلىشتا، قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېنىكلىك بىلەن ئاجرىشىشقا قارشى تۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا ئاجرىشىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا بەلگىلەنگەن 30 كۈنلۈك ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلى پەقەتلا تەرتىپ جەھەتتە كېلىشىملىك ئاجرىشىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدىغان بولۇپ، ئاجرىشىش شەرتى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ. ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلغان بولسا، ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلىدىن ئىبارەت بۇ پۇشايمان دورىسىنى يېمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ