مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىنىڭ نەتىجىسى ناچار بولسا، بەلكىم ئۆگىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن

2020.12.07 18:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بالىلار دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئامبۇلاتورىيەسىدە، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ نەتىجىسى ناچار بولۇش، دەرس ۋاقتىدا دىققىتىنى يىغالماسلىق، خەتلەرنى ئەستە تۇتۇشى قىيىن بولۇش، تېكىستنى دېكلاماتسىيە قىلىشتا جۈملە تۈزەلمەسلىك، كۆچۈرۈپ يېزىشتا خاتالىق ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىدۇ، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل مەسىلە ياخشىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە باشقا كىچىك نۇقسانلارنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇنى بالىلارنىڭ ئويۇنغا ئامراق، كىتاب ئوقۇغاندا تىرىشماسلىقىدىن بولغان، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلار بەلكىم ئۆگىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.

  ئۆگىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش − بىر گۇرۇپپا يات ماددىلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بالىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق ئالاھىدە ماھارەتلەرگە ئېرىشىشى ۋە ئۇنى قوللىنىشىدا روشەن قىيىنچىلىق بارلىقىنى ھەمدە بىلىش ئىقتىدارى، تىل ئىقتىدارى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىقلاردىكى كۆپ خىل توسالغۇلارنى ئىپادىلەيدىغان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلاردا ئادەتتە سەزگۈ ئەزالىرى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى كەمتۈكلۈكى بولمايدۇ، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بالىلارنىڭكىدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ %5-%15ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئوغۇللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى قىزلارنىڭكىدىن 6-10 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  بىرىنچى، دەسلەپكى ئىپادىسى: دەسلەپكى مەزگىلدە ھەرىكەتچان، يىغلاڭغۇ، تاشقى غىدىقلاشقا سەزگۈر كېلىدۇ. بالىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، ئوخشىمىغان دەرىجىدە تىل يېتىلىش مەسىلىسى يۈز بېرىدۇ، بۇ، بىلىش ۋە ئالاھىدە ماھارەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، بىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە: كۆرۈش سېزىمى خاتىرىسى قىيىن بولۇش، كۆرۈش سېزىمى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ئاڭلاش سېزىمىنى بىرىكتۈرۈش قىيىن بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۇزاق ۋاقىت ئەستە تۇتۇش قىيىن بولۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئۆگىنىش ئىپادىسى جەھەتتە: ئوقۇش راۋان بولماسلىق، چۈشىنىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، يېزىشتا قىينىلىش (يېزىش تەرتىپى توغرا بولماسلىق، خەتلەر قالايمىقان بولۇش)، ماتېماتىكا ئۆگىنىشى قىيىن بولۇش، ھېسابلاش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، بوشلۇق تەشكىللەش قىيىن بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

  تۆتىنچى، تىل قابىلىيىتى جەھەتتە: تىل چۈشىنىشى قىيىن (ماقالىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ناچار)، تىل ئىپادىلەش قىيىن (كېكەچلىك، ئىنتوناتسىيەسى ئاددىي)، ئوقۇش توسالغۇسى (ئوقۇغاندا خەت چۈشۈپ قېلىش ياكى خەت قوشۇۋېلىش)، يېزىش توسالغۇسى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

  بەشىنچى، ماسلىشىش ھەرىكىتى ۋە كەيپىيات جەھەتتە: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، بىخەتەرلىك ئېڭى كەمچىل بولۇش، ئالاقە ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ئاسانلا ھاياجانلىنىش ۋە جەمئىيەتكە قارشى ھەرىكەت پەيدا بولۇش.

  ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارغا نىسبەتەن بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر ئارىلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. دەسلەپكى مەزگىللىك ئالدىنى ئېلىش − تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىش، سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يۇقىرى خەۋپلىك تۇغۇلۇش تارىخى بار بالىلارغا قارىتا، ئىمكانقەدەر بالدۇر دىياگنوز قويۇش لازىم. دەسلەپكى ئارىلىشىشتا، بالىلارنىڭ تىلى ياكى باشقا ئۆگىنىش مەسىلىسىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا كېسەل كۆرسىتىش لازىم. بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، بالىلارنى ئۆگىنىش مەزمۇنىغا قىزىقتۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋاقتى ۋە ئۆگىنىش مۇھىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بالىلارنى ئۆگىنىش جەريانىدا قانائەتلىنىش ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بالىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ