مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم

2020.12.02 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مائارىپ − مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزنىڭ ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ تەخىرسىز، ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئىنتىلىشىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەرنى تۈرگە ئايرىپ قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات يولىنى ياخشى پىلانلاپ، ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يېڭى تەلەپكە ماسلىشىش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ رېئال نىشانى ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك.» ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدا، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئالىي مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ يېڭى تەرەققىياتنى پىلانلاپ، كارخانا ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى مول ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش جۇغلانمىسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە چاقىرىقى − پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەۋر ساداسىدۇر.» ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەن زېمىنىغا يېزىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئالىي مائارىپ تەمىناتى يەنىلا يېتەرسىز، ئالىي مائارىپنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەر يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش داۋامىدا يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ