مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم

2020.12.02 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى بىر چوڭ ئىش. بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ مەزمۇنى مول، بايانلىرى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زور نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىدۇر. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش − دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  قانۇنچىللىقنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئۇنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ يەنە بىر قاتار مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  توغرا قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىسا، توغرا قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى __ ماھىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ قانۇنچىللىق مەسىلىسىدىكى نەزەرىيە نەتىجىسى.» پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ