مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى مۇساپىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

2020.12.02 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىزنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بەلگىلىشىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلىشىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشان بىر تۇتاش ئويلىشىلىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى سىستېمىلىق پىلانلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى.

  پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشقا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلۇغۋار نىشاننى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان كونكرېت نىشان ۋە ۋەزىپىلەرگە بۆلۈپ، قەدەم-باسقۇچلارغا بۆلۈپ تاماملاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئاساسىي قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. 1964-يىلى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، يولداش جۇ ئېنلەي 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» كۈرەش نىشانىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئانچە ئۇزاق بولمىغان تارىخىي مەزگىل ئىچىدە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى قانداق قىلىپ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە 16-، 17-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىدا بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ