مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم

2020.12.01 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  رەئىس شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تارىختىن قارىغاندا، مەيلى قانداق خەۋپ-خەتەر، قانداق ئاپەت، قانداق تەتۈر ئېقىمغا يولۇقسۇن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھامان ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەڭ تارقىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋەتتى، لېكىن بىز خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلساق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بايقايمىز.

  ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بىر- بىرىگە تايىنىش، تەقدىرداش بولۇش چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ گەۋدىلىنىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەھدىتى ئالدىدا، ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا، ئاندىن غەلىبە قىلالايدۇ. نۆۋەتتە، ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش ئېڭى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. مەسىلەن، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشنى تەشكىللەپ قاتناشتى ھەمدە قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تېخنىكىسىدا ئۆزئارا ياردەملەشتى ۋە دورا-ۋاكسىنا ئېچىشتا ھەمكارلاشتى، يەر شارى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىق ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيتىلدى.

  ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى − ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ تارقىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئومۇمىي رېتىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۈزۈلۈش كۆرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگىرىشكە ئامالسىز. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولسۇن ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن، ئېچىۋېتىش شارائىتىدىلا ئاندىن گۈللىنىپ تەرەققىي قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ