مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك

2020.12.01 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى − پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى جەڭگىۋار قورغان، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسىدۇر. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ ئىتتىپاقلىشىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ بىزدىن ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى − ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ ھەم ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇيۇشتۇرۇشنى، ھەم ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۇرۇشلۇق رايون، تارماقلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، سىياسىي فۇنكسىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي رەھبەرلىكنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى − يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە. ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ