مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى

2020.12.01 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «13-بەش يىل» مەزگىلى − ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەل قىلغۇچ باسقۇچ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتىپ، «‹ساغلام جۇڭگو 2030› يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش-سەھىيە تۈزۈمى رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن-ئاخىر ئۇللۇق ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلىشىپ، مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئىپادىسى، شۇنداقلا ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر. بۇ بىزدىن خەلقنىڭ ساغلاملىق بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، سەھىيە-ساغلاملىق تەمىناتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ساغلاملىق بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ