مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم

2020.12.01 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ھەمدە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ) – بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر. «تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.» بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان مۇقەررەر تاللاشتۇر. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش – بۇ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشتىكى مۇقەررەر تاللاشتۇر. پارتىيەمىز تەدبىر بەلگىلەپ پىلان تۈزۈشتە، تەرەققىيات مۇھىتى، بولۇپمۇ پۇرسەت ۋە خىرىسنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشقا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 2002-يىلى پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدا مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلى ئېلىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، چىڭ تۇتۇش شەرت بولغان ھەمدە نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدۇر.» يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، بىز بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى «تەكلىپ»تە يېڭى مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلدى: نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ. لېكىن، پۇرسەت ۋە خىرىستا يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بولىدۇ.»

  بىزدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە خاس روشەن ئەۋزەللىك بار، ھەمدە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان توپلانغان مول ماددىي تېخنىكىلىق ئاساسلارمۇ بار، مول بولغان ئادەم كۈچى بايلىقى بار، كەڭ بازار بوشلۇقى بار، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بار، بولۇپمۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە چوقۇم يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭىچە ئىدىيەلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىلچان، تېز تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىدىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ