مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق رەۋىشتە تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.12.01 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى − دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئۇل تېشىدۇر، ئىنسانىيەت ساغلاملىقى − ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئېچىلغان مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئالدىدا، بىز چوقۇم ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك، بىز يەنە ھەرقانداق بەدەلنى تۆلەشكە قادىرمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل تىرىشىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئالدىنى ئېلىش بولسا، ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ساغلاملىق تەدبىرىدۇر.» ئېلىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى 1953-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى ۋە ياخشى ھالەتتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. دۆلىتىمىزدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئومۇمىي پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، كىشىلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى 1-ئورۇندىن ھازىرقىدەك 10-ئورۇنغا چۈشۈپ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنىڭ 34 ياشتىن 77.3 ياشقا ئۆسۈشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بۇ يىل، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە بىرتۇتاش قوماندانلىقىدا، بىز مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم ۋە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئېچىلغان مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش ۋە ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.» بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈچلۈك ھالدىكى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئېغىر ۋە زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى ۋە پەن-تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش ۋە ئامما تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ