خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5-شى قوشئۆگۈز شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 5-شىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈننىڭ قىلمىشى ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولۇپ، ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
ۋاڭ جۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ۋاڭ جۈن، ئەر، خەنزۇ، 1965-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۈنەن ناھىيەسىدىن، 1985-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1987-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىقتىسادچى ئۇنۋانىغا ئىگە.
2003-يىلى 9-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە بىڭتۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق 222-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭى، شىنتيەن خەلقئارا ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى (قوشۇمچە) بولغان، (2001-يىلى 7-ئايدىن 2003-يىلى 12-ئايغىچە پايتەخت تاشقى ئىقتىساد-سودا داشۆسىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛
2012-يىلى 2-ئايدىن 2014-يىلى 1-ئايغىچە، يېزا ئىگىلىك 12-شىسى 222-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭ، جۇڭشىن گوئەن ئۈزۈم ھارىقى پاي شىركىتىنىڭ مۇدىرى (قوشۇمچە) بولغان؛
2014-يىلى 1-ئايدىن 2016-يىلى 7-ئايغىچە، 12-شى 222-تۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى بولغان (ئارىلىقتا: 2014-يىلى 9-ئايدىن 2015-يىلى 1-ئايغىچە، بىڭتۈەن پارتكومى پارتىيە مەكتىپىنىڭ 21-قارارلىق ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛
2016-يىلى 7-ئايدىن 2016-يىلى 9-ئايغىچە، 12-شى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛
2016-يىلى 9-ئايدىن 2016-يىلى 10-ئايغىچە، 3-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان؛
2016-يىلى 10-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە، 3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 3-شىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان؛
2018-يىلى 1-ئايدىن 2018-يىلى 3-ئايغىچە، 5-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى، تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2018-يىلى 3-ئايدىن 2019-يىلى 12-ئايغىچە، 5-شى قوشئۆگۈز شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2019-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە، 5-شى قوشئۆگۈز شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 5-شىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى