مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

2020.11.16 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش __ ئۇللۇق، كاپالەتلىك رولغا ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىياسىيدا ئېنىق بولۇش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش ساھەسىدە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئاجايىپ بىر سەھىپە يېزىلدى.

  پارتىيە رەھبەرلىكى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قانۇن ئىدارە قىلىشقا تايىنىش تېخىمۇ زۆرۈر، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش تېخىمۇ زۆرۈر. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش قىلىش خەرىتىسىنى تۈزۈشتىن، پارتىيە 19 -نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغىچە؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈشتىن، پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلىنىشقىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇردى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە، قانۇنغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، قانۇن ئارقىلىق پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ