مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلايلى

___ قانۇن ئىدارە قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ كاپالەتلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى

2020.11.16 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىدىكى ئورنى بارغانسېرى مۇھىملىشىپ، يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىشتىن مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقىچە قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  ھازىر شاڭخەي پۇدۇڭ 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات دولقۇنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا −− 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى، ھازىرغا قەدەر 328 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلدى.

  قانۇن بويىچە ئىسلاھ قىلىش، قانۇن بويىچە يېڭىلىق يارىتىش − شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى. گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ھەمدە ماقۇللانغان «گوۋۇيۈەنگە جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىق گوۋۇيۈەن قارار قىلغان سىناق رايونلىرىدا چەت ئەل مەبلىغى، جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكى، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىق كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى»دىن، شاڭخەينىڭ «جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى نىزامى»نى تۈزۈپ چىقىپ، مەركەز ئەركىن سودا سىناق رايونىغا بەرگەن ئىش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇشقىچە بۇ قانۇن چىقىرىشنىڭ ھەممىسىدە ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتى ئۇزاق مۇددەتلىك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

  ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشتا، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى، يەر باشقۇرۇش قانۇنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار تۈزۈلۈپ ۋە تۈزىتىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ