مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 12 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، خەلققە ۋە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزدى

2020.11.13 19:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش يۈكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «باشقا جايدا بېجىرىش»، «قولايلىق بېجىرىش»، «توردا بېجىرىش» قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى 12 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، خەلققە ۋە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشتى.

  12-نويابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 12 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: موتوسىكلىت ھەيدەش كىنىشكىسىنى مەملىكەت بويىچە «بىر كىنىشكا بىلەنلا خالىغان جايدا ئىمتىھان بېرىش»، موتوسىكلىتنى باشقا جايغا يۆتكەشنى باشقا جايدا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش؛ خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارنى تىزىملاشنى كىملىك بىلەن پۈتۈن ئۆلكىدە ئومۇميۈزلۈك بېجىرىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش؛ نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىشتىكى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى باشقا جايدا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش يېشىنى كەڭ قويۇۋېتىش؛ چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ مېيىپلەر ئائىلىلىرى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللارنى قولايلاشتۇرۇش؛ يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، ئەسكەرتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش؛ ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك خاتىرىسىنى توردا تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيىتى بويىچە مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى توردا تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.

  شىنجاڭ ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى 12 تۈرلۈك ئىسلاھات يېڭى تەدبىرى ئىچىدە، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش كىملىك بىلەن ئۆلكە بويىچە ئومۇميۈزلۈك بېجىرىلگەندىن سىرت، قالغان 11 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش كىملىك بىلەن ئۆلكە بويىچە ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش ئىسلاھات تەدبىرىدە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەۋە بولمىغانلىقتىن، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدۇ.

  2018-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى، نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇش ئاساسىدا تۆت تۈركۈم، 42 تۈرلۈك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا جەمئىي 6 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزۈپ، كارخانا ۋە ئاممىغا 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تېجەپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ