مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

170 مىليون ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك! تېز يەتكۈزۈش خادىمى، بوۋاق تەربىيەلىگۈچىلەرمۇ ئۇنۋان ئالالايدىغان بولدى

2020.11.13 19:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نويابىر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش، كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى تارقىتىشنى قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ۋە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى باھالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ، تېز يەتكۈزگۈچى، بوۋاق تەربىيەلىگۈچى قاتارلىق «كۆك ياقىلىق» لارنىڭمۇ دوختۇر، ئىنژېنېر قاتارلىق «ئاق ياقىلىق»لارغا ئوخشاش ئۇنۋان باھالاشقا قاتنىشالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە 170 مىليون ئەتراپىدا ماھارەتلىك ئەمگەكچى بار ئىكەن. ئۇزۇندىن بۇيان، كارخانا «كۆك ياقىلىقلار» ۋە «ئاق ياقىلىقلار»غا قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى يۈرۈش كەسپىي ئىقتىدارىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىپ كەلدى، «كۆك ياقىلىقلار» بەش دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلارنىڭ دەرىجىسى بويىچە بېكىتىلدى، «ئاق ياقىلىقلار» كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋان سىستېمىسىنى داۋاملىق قوللىنىپ كەلدى، ئىككىسى ئۆز ئارا ئۇلانمىدى. بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە «كۆك ياقىلىقلار» بىلەن «ئاق ياقىلىقلار» تەمىناتى پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا توسالغۇ ئېلىپ كەلدى.

  «كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ۋە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى باھالاشنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش − ئىختىساسلىقلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، سالاھىيەت، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژى قاتارلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.»

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە تۇتاشتۇرۇلىدىغان ساھە تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىرى تولۇق كېڭەيتىلىپ، يۇغۇرۇشقا بولىدىغانلىرى تولۇق يۇغۇرۇلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «ئادەمنى كىم ئىشلەتسە، شۇ باھالاش، شۇ گۇۋاھنامە تارقىتىش، شۇ مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل كارخانىلارنىڭ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش دائىرىسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە تارقاتقان كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىلىرى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى قۇرغان گۇۋاھنامە سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئەنگە ئېلىنغان كارخانىلار ئىجتىمائىي تەربىيەلەشنى باھالاش تەشكىلاتى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىپ، باشقا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە جەمئىيەتتىكى خادىملارنى ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك؛ كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئالغان خادىملارنى ئىختىساسلىقلار ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ