خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
تەنتەربىيەگە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى يۈكلەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل 22-سېنتەبىر ئېچىلغان مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش»، «تەنتەربىيە تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى. تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-يېزىلار ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى، ئوخشاش بولمىغان توپ ئوتتۇرىسىدىكى تەنتەربىيە تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تەنتەربىيە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەممە ئادەمنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شارائىتى بار رايونلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزگەندە، ئاممىۋى تەنتەربىيە بوشلۇقى، ئەسلىھە ۋە سورۇن قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ؛ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى سەپلەنمىگەن ياكى سەپلىنىشى ئۆلچەمگە يەتمىگەن شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلارنى مەھەللە ئاممىۋى بوشلۇقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تولۇقلىما قۇرۇلۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرسە بولىدۇ، يەنە سودا ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇشىغا، ئۆزگەرتىپ قۇرۇشىغا ھەمدە ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بەرسىمۇ بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ