مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى

___ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

2020.10.09 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك پەن-تېخنىكىنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىگە، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ موھتاج.» يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئەندىزىسىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولدى، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى قانداق ساقلاشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىنتايىن تەخىرسىز بولۇپ قالدى.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن ئېشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى نەچچە ئون يىللىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئېلىپ كەلدى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى تېخنىكا يېڭىلاش − بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىنى ئېلىپ كەلدى ھەمدە يېڭى ئىقتىسادىي ھالەتنى بارلىققا كەلتۈردى. پەن-تېخنىكىدا سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە ئۇنى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال ئىشلىتىش − ئېلىمىزنىڭ ماكرو ئىگىلىكىدە سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر.

  تېخنىكا تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىقتىسادقا داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بىلىمىنى يېڭىلاش چاستوتىسىنى ساقلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتلىق دەۋرىنى ئۇزارتىدۇ. كارخانا، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى سىجىل ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن پائال تەمىنلەپ، ئاساسىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي ئۆگىنىش سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمىي تەتقىقاتتىن پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتالايدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ نەزەرىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يۈكسەكلىكىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ ياخشى قوللىنىشىغا ياردەم بېرىش لازىم. تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ