مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىش بېجىرىش «كۆزنىكى»نى ئىسلاھاتنىڭ «ئاساسىي مەيدانى» قىلىش لازىم

2020.08.18 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىخچاملاپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، ھوقۇق دائىرىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە، ئامما تېخىمۇ رازى بولدى، كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلاھات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 4- ئايدا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىدى: نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى دەل دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىسلاھات قىممەت يۈزلىنىشىنى پۇختا ئىگىلىمەكتە.

  كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بېجىرىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يۈزەكى مەسىلىلەر، تېيىز قاتلاملىق زىددىيەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان. لېكىن، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بازارلاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئىشلىرى ھالقىلىرىدا يەنە «ھەل قىلىش قىيىن مەسىلىلەر» مەۋجۇت بولماقتا، چوقۇم تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى ئېلىمىزنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىتتىرگۈچ بولۇپ قالدى. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا شۇلارنى ھېس قىلدىكى، بەزى جايلار ئاكتىپ ئىشلەپ تۈزۈم، سىياسەت، مۇھىت قاتارلىق تەرەپلەردىن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىش ئۈنۈمى ۋە ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە قىستاپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى يېڭىلاش، تەرتىپنى قايتا يارىتىش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەتتا مەمۇرىي ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى سەرخىللاشتۇرۇش، باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا: «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىي تۈزۈلمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش» كېرەكلىكى كۆرسىتىلىپ، يېڭى دەۋردە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى پۇرسەت ئىزدەشتە جۇڭگو ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشى، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلغاندا، مەمۇرىي تۈزۈلمىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتلارنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ