مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ توپلاش لازىم

2020.08.12 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغ ۋە مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەققى %15 تۆۋەنلىدى، دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆي مۈلۈكنىڭ ئىجارە ھەققى كېمەيتىلدى ياكى كەچۈرۈم قىلىندى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى... يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە «2020-يىلى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى، 23 تۈرلۈك كونكىرت ۋەزىپىنىڭ ھەممىسىنىڭ قاراتمىلىقى بار بولۇپ، ھەممىسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي نەپ يەپ يەتكۈزىدۇ.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمغا دۇچ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى نىشان قىلغان، بازار سۇبيېكتىنى قوغدايدىغان، قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 2- پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مەنپىيلىكتىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئېشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. بىز ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىرىشىپ تولۇقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش — كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا «زەربىنى ئازايتقۇچ» رولىنى ئوينايدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بەلگىلەنگەن ماكرولۇق سىياسەتنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشتا قىسمەن ساھەلەردە باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئادەتتىكى سودا-سانائەتتە توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، داۋاملىق «سۇ قويۇپ بېرىپ بېلىق بېقىش»قا تەۋە.

  سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش — كارخانىلارنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىدە كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر تاپاۋەت بېجىنى كېچىكتۈرۈپ كېلەر يىلى تاپشۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش دەل نىشانلىق قوراللارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بولۇپ، ئاغرىش نۇقتىسى، توسۇش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەڭ كەڭ بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۆلەش سىياسىتىگە ئىگە قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش غەيرىتىنى ئاشۇرىدۇ.

  ئەمەلىي ئۈنۈم بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەم «بىرىكمە مۇشت ئېتىپ» ئۈنۈمنى چىڭ تۇتۇپ، جايلار، تارماقلارنىڭ تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلىرىدە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، كۆپەيتكۈچى ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم؛ ھەم «كەشتە تىكىش گۇمپىسى»نى ئىشلىتىپ دەل جايىدا تۇتۇپ، جايلار، ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يانداش تەدبىرلەرنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە مەشغۇلاتچانلىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ھۆججەتتىكى «قىزغىنلىق» نى كارخانا تەسىراتىدىكى «ھەقىقىيلىق» قا ئايلاندۇرۇش كېرەك. كەڭ بازار سۇبيېكتلىرى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالىسا، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ