مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى ئىگىلەيلى

2020.08.12 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى قورۇقچىلىق ئۆرلەۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، يەر شارى بازىرى تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىت شارائىتىدا، بىز چوقۇم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، بىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، تەرەققىيات كۆپ تەرەپلىمە ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا تەرەققىيات مۇھىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىز دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تاشقى خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىچكى جەھەتتىن بىرلىككە كېلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشتە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقالمايدۇ، پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ». بىز تارىخىي توغرا تەرەپتە تۇرۇپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ