مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

___ «كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟» (1)

2020.08.10 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مۇرەككەپ، كەسكىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، قانداق قىلغاندا كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز؟ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جىددىي تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟ يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت تەھلىل قىلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، مەركەزدىن ئىبارەت ھەممە يەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جەمئىيەت قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەركەزلىك بىر تۇتاش چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئىككى ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىمىزدا. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، بىز بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈردۇق، 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پارتىيە رەھبەرلىكى بىزنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى مۇقىم، يىراققا يېتەكلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  ھەم يىراق كەلگۈسى نىشاننى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش، ھەم نۆۋەتتىكى ۋەزىپىنى چىقىش قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش لازىم. بۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاشتىكى دىيالېكتىك تەلەپ. پارتىيە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىشتا ئاساسلىقى يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سىياسەت تۈزۈپ، قانۇن چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى مۇھىت ياراتتى.

  پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. بۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش لازىم.

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسى ئاز بولمىغان خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. تېخىمۇ مۈشكۈل ۋەزىپە، تېخىمۇ شەرەپلىك بۇرچ ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندە، بىز چوقۇم بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ