باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يىغلاشنىڭ ساغلاملىققا بولغان تۆت چوڭ پايدىسى

2019.04.10 13:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېسىمىڭىز ئېغىرلىشىپ، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يولۇققاندا، كۈلۈمسىرەشتىن باشقا، يىغلاشمۇ بىر خىل ئۇسۇل. ياپونىيە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور كائىكونىڭ قارىشىچە، يىغلاش بېسىمنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قوغدىنىش بولۇپ، ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تۆت چوڭ پايدىسى بار ئىكەن.

  بىرىنچى، بېسىمنى يېنىكلىتىدىكەن. كۆپ خىل تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، يىغلاش بېسىم ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى خۇشال قىلىدىكەن، بۇ، ھەرقانداق خامۇشلۇققا قارشى دورىنىڭ ئۈنۈمىدىن ياخشى بولىدىكەن.

  ئىككىنچى، ئۆزىنى كونترول قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. نۇرغۇن بېسىملارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر پاسسىپ كەيپىياتنى كۆڭلىدە ساقلىسا، بېسىم يىغىلىپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ. بىراق يىغلاش ئارقىلىق ئۆزىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغىلى بولىدىكەن.

  ئۈچىنچى، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. خىزمەت جەريانىدا بېسىم سەۋەبىدىن قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، كۆپ ھاللاردا بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئەھۋال ۋە ئامىللارغا ئېسىلىۋېلىپ، بېسىم تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. ئەمما، يىغلاش پاسسىپ كەيپىياتنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، كۆڭلىدىكى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ، دىققىتىنى بۇرايدىكەن ھەمدە ئوي-خىيالىنى ئۆزگەرتىدىكەن. شۇڭا، جىددىي ھالەتنى يەڭگەندىن كېيىن، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

  تۆتىنچى، سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن. گوللاندىيە تىربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كرودىيە كرىيېكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغلاش نېرۋا سىستېمىسىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، بېسىم سەۋەبلىك ھاياجانلىنىپ كەتكەن بەدەننى ئاستا- ئاستا تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلتۈرىدىكەن (قان بېسىمى ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللىشىىدىكەن)، ھەتتا ياللۇغنى پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئۆمرى يىغلاڭغۇ ئاياللاردىن ئومۇميۈزلۈك قىسقا بولىدىكەن. شۇڭا، يىغلاشنى ئۆگىنىۋېلىش «ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغان» ئەرلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. پەقەت «يىغلاش»نى ئۆگىنىۋالغاندىلا، ئاندىن پىسخىك بېسىمنى ناھايىتى ياخشى قويۇپ بېرىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر