باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىللە، يۇقىرىغىمۇ «دورا ئىشلىتىش» لازىم

2019.04.01 18:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، «يۈكنى يېنىكلىتىش» ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە كۆپ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سۆز بولۇپ قالدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» خۇددىي بىر مەيدان قاتتىق يامغۇرغا ئوخشاش، ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمىغا چۆكۈپ قېلىپ، باھالاش- تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش ئازابىنى تارتىۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا زور ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

  ياخشى سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىمى مەنبەدىن تۈزەشتۇر، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىللە، يۇقىرىغىمۇ «دورا ئىشلىتىش» لازىم.

  يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ «ھېرىپ قېلىش كېسىلى»گە دورا ئىشلىتىش كېرەك، «باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان»، «ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان»، ئەمما «مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان» رەھبىرىي كادىرلارنى قىسقارتىش لازىم. بەزى رەھبىرىي كادىرلاردا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى كەمچىل بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىدىكىلەرنى «يېنىدىكى مالاي»دەك خالىغانچە ئىشقا سالىدۇ، تېرىقتەك ئىشلارغىمۇ ئاساسىي قاتلامدىكىلەردىن سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تۇتاش يوللاش، ماتېرىيال يېزىش، دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خالىغانچە تەلەپ قويۇپ، خالىغانچە چاقىرىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ناھايىتى جاپاغا قويۇۋاتىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، «مەسئۇلىيەتنى تۆۋەنگە ئىتتىرىش» قاتارلىق بۇ خىل ناچار ئىستىللارنى توسۇش ئۈچۈن، چوقۇم تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ماتېرىياللارنىڭ قېلىن-نېپىزلىكىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي نەتىجىسىگە قاراپ باھالاش، كادىرلارنىڭ ئىلغار-ناچارلىقىنى قەغەز ئۈستىگە يېزىلغان نومۇرغا قاراپ ئەمەس، بەلكى ئاممىنىڭ باھاسىغا ئاساسەن باھالاش، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل رول ئوينايدىغان كادىرلارغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى يۈكلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئەۋج ئالدۇرۇش لازىم.

  يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ «گەپدانلىقى»غا دورا ئىشلىتىپ، سۆزنىڭ «ئۇزۇنلۇقى»غا، «تەكرارلىقى»غىلا قاراپ «ماھىيىتى يوق» كۆپ يىغىن سۆزلىرىنى ئازايتىش لازىم. مەسىلە ھەل قىلىمايدىغان يىغىنلارنى قەتئىي ئاچماسلىق، مەسىلە ھەل قىلىمايدىغان ھۆججەتلەرنى قەتئىي چۈشۈرمەسلىك لازىم، ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ كادىرلارنىڭ ۋاقتىنى يىغىندىن بوشىتىپ، «ئامما بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش»، «ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش»كە سەرپ قىلدۇرۇش لازىم.

  يۇقىرىدىكىلەرنىڭ «بىيۇروكراتلىق كېسىلى»گە دورا ئىشلىتىش كېرەك، «تۇيغۇ ئىزدەش»، «ئىش تېپىپ قىلىش» ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئەمما «مەزمۇنى يوق» تەكشۈرۈش- ھەيدەكچىلىكنى ئازايتىش لازىم. ئەمەس «ماتېرىيال»نى ئەمەس، بەلكى «سۈرئەتنى تۇتۇش»، «بومباردىمان قىلىش» ئەمەس «تەكشۈرۈش-ھەيدەكچىلىك» قىلىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش ۋە پىلانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئايلىق مەلۇمات، تور بېكەت، ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىقمۇ ئىگىلىيەلەيدىغان خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك ئورۇنلاشتۇرماسلىق، تېلېفون، ئېلخەت قاتارلىق ئالاقىلىشىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە بولىدىغان ئىشلاردا دوكلات بېرىشكە قىستىماسلىق لازىم، ھەيدەكچىلىك-تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ھەم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زېھنىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى مۇھىم ئىشلارغا دەل جايىدا ئىشلەتكۈزۈش لازىم.

  «چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىشقا ماھىر كىشىلەر ئاۋال چەكلەش بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويۇپ، ئاندىن ئۆزگىگە تەلەپ قويۇشى لازىم». مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك ئورگان ۋە رەھبىرىي كادىرلار «كېسەل مەنبەسى»نى نىشانلاپ، ئۆزىنى «ئوپېراتسىيە» قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، يۈكنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشنى ھەقىقىي ئىشلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر