باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىگە نىمە ئۈچۈن ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ماددىنى قۇشىدۇ

دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرنى باھالاش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى

2019.03.04 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: "ئوكسىدلىنىشقا قارشى" دېگەندەك بۇنداق سۆزلەر ھۆسن تۈزەش ئېلانلىرى ئىچىدە دائىم كۆرۈلىدۇ. لېكىن، يېمەكلىكلەر ئىچىگە نېمە ئۈچۈن ئوكسىدلىنىشقا قارشى بۇ خىل رېئاكتىۋ ماددا قوشۇلىدۇ؟

  يېمەكلىكلەر ئوكسىدلىنىش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ۋە تەمى جەھەتتىكى سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، يېمەكلىكلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى تاماققا ئىشلىتىلىدىغان مايلار، ماخۇا ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر دېگەندەك يېمەكلىكلەردىن دائىم بىر خىل پۇراقلار چىقىپ تۇراتتى، ئالمىنى بىر چىشلىسىلا، ئۇنىڭدىكى مېۋە ئېتى سارغىيىپ كېتەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئوكسىدلىنىش سەۋەبىدىن بولاتتى. يېمەكلىكلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشىغا قارشى رېئاكتىۋ ماددا ئەمەلىيەتتە ئوكسىدلىنىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر بۇنداق ماددا مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە، يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىستىمالچىلارنى تېخىمۇ ساغلام ۋە تېخىمۇ بىخەتەر يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  " ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ماددا" بولسا، مەنبەسى جەھەتتىن تەبىئىي ھالدا ھاسىل بولغان ۋە سۈنئىي ھالدا خىمىيەلىك بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تەبىئىي ھالدا ھاسىل بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ماددا دېگەندە، ئۇلار يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋىتامىن C ، ۋىتامىن E ۋە پولىفېنول قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خىمىيلىك بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغىنى بولسا، بۇتىللاشقان گىدروكسى ئانىزول (BHA) ۋە 2 بۇتىللاشقان گىدروكسى تولۇئېن (BHT) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر