باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىدا باھا ھېسابلاشنى تەڭشەش پۇقرالارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك

2019.02.25 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە «تۇرالغۇ تۈرلىرى ئۆلچىمى»گە پىكىر ئېلىش باشلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا يۈرۈشلۈك ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمىنى ئاساس قىلىپ سودىلىشىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە كەڭ كۆلەمدە دىققەتنى قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىدا يۈرۈشلۈك ئۆينىڭ ئىچكى كۆلىمىنى ئاساس قىلىپ سودىلىشىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ئىكەن.

  «كۆلەمنى تەڭ چېچىش بىكار قىلىنىدۇ»، «ئۆي باھاسى يەنە ئۆسىدۇ»غا ئالاقىدار ئۇچۇرلار تور ئەھلىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  «كۆلەمنى تەڭ چېچىش» دېگەن نېمە؟ كۆلەمنى تەڭ چېچىش − پۈتۈن بىنادىكى مۈلۈك ھوقۇقدارلىرى ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى پۈتۈن بىنانىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى بولۇپ، لىفىت بوشلۇقى، تۇرۇبا يولى بوشلۇقى، پەلەمپەي كارىدورى، ئەخلەت يولى، تىرانسىفورموتور ئۆيى، ئۈسكۈنە بۆلۈمچىسى، ئاممىۋى زال-دالان، ئۆتەر يول، يەر ئاستى ئۆيى، قوغداش دىجورنىخانىسى قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك پۈتۈن بىناغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاممىۋى ئۆيلەر ۋە باشقۇرغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، گورىزونتال پىرويېكسىيە كۆلىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇملارنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزىلا بىر زور خىرىس، بىر- بىرلەپ ئۆز قولى بىلەن ئۆلچەشتىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، كۆلەمنى تەڭ چېچىشنى بىر قىسىم تاراتقۇلار ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى «ئەڭ سۈزۈك بولمىغان بىر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ» دەپ ئاتىغان.

  ئەمەلىيەتتە، كۆلەمنى تەڭ چېچىشنىڭ مۈجمەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىش ماجىرالىرى ۋە مۇلازىمەت ھەققى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش يۈز بېرىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى.

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، تاۋار ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئۆي-زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرى ئادەتتىكى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆلەمنى تەڭ چېچىشقا قارىتا چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆلەمنى تەڭ چېچىش ۋە تەڭ چېچىش كوئېففىتسېنتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. ئاساسەن ھەر بىر ئۆي سېتىۋالغۇچى كۆلەمنى تەڭ چېچىشنى تىلغا ئالغاندا، ھەممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى قوزغالماقتا، «100 كىۋادرات مېتىر ئۆيگە پۇل تۆلەپ، ئاران 70 كىۋادرات مېتىرچە كېلىدىغان ئۆي سېتىۋېلىش» ھەققىدىكى قاخشاشلار دائىم ئاڭلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر يەنىلا ئامالسىز قالدى. بۇنداق بولۇپلا قالماي، كۆلەمنى تەڭ چېچىش ھەققىدە ئۆلچەم كەمچىل بولۇش، باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبلىك، ئىستېمالچىلار ئۆي سېتىۋالغاندا ئۆي پۇلىنى تېخىمۇ كۆپ تۆلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىدە يەنە باشقۇرۇش ھەققى، ئىسسىنىش ھەققى قاتارلىق تەننەرخنىمۇ سىجىل تۆلەيدۇ... «كۆلەمنى تەڭ چېچىش خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىش»تىن پەيدا بولغان تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئاللىقاچان پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ئىگىلىۋېلىپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادىل ۋە دۇرۇسلۇقىغا زىيان سېلىپ كەلمەكتە.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشىغا تور ئەھلىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پەرەز قىلىشى − ئىستېمالچىلارنىڭ مۇقىم، ساغلام، ياخشى بولغان بازار تەرتىپىگە بولغان كۈچلۈك تەقەززاسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈردى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىش ھەرگىزمۇ كۆلەمنى تەڭ چېچىشنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھەتتا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. كۆلەمنى تەڭ چېچىش ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولىدۇ، كۆلەمنى تەڭ چېچىش ئۇزاقتىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك گۇمانى قاراشلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىشتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆلچەم ۋە تەپسىلىي قائىدىلەرنى يولغا قويۇپ ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر.

  «ئەمىن تۇرالغۇ» «خاتىرجەم ياشاش»نىڭ ئاساسى، تۇرالغۇ شارائىتى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەملىرنىڭ بىرى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى تېمىسى. بۇرۇنقى «تۆت ئەۋلاد بىر ئۆيگە قىستىلىپ تۇرۇش»تىن ھازىرقى ئازادە، يورۇق بىنالار ۋە كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان مەھەللە مۇلازىمىتىگىچە، پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ بارغانسېرى تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ مۇھىت ئاسراش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. بىر خىش-بىر خىشتىن قوپۇرۇپ چىقىلغىنى خەلق ئاممىسىنىڭ بوران-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان ئۆيى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئۈزلۈكسىز ئاتلىنىشىدەك گۈزەل ئۈمىدىدۇر.

  كىشىلەر ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئۆي-زېمىن تەڭشەش- تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەتقىق قىلغاندا، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە توغرا قارىيالىشىنى، يۈرۈشلەشكەن مەمۇرىي نىزاملارنى تېزدىن يولغا قويۇپ، كۆلەمنى تەڭ چېچىشنى چوڭقۇر قېلىپلاشتۇرۇشىنى ھەمدە تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق باھا ھېسابلاش ئۇسۇلىنى پائال ئىزدىنىپ چىقىپ، ئۆي-زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ «ئورەك قېزىشى»دىن ساقلىنىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، سودىنىڭ ئادىل، ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئۆي − پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس بەلكى تۇرىدىغان جاي» بولۇشىنى، بارلىق خەلقنىڭ تۇرالغۇسى بار بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەقەززا بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر