باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كۈلۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان بەش خىل پايدىلىق تەرىپى

2019.02.21 11:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەر دائىم مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم كۈلسە ئۆمرى ئون يىل ئۇزىرايدۇ. كۈلۈشنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى كۆپ. يېقىندا، چەتئەل تاراتقۇلىرى ئالىملارنىڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىدىن بايقاشلىرىنى يەكۈنلەپ، كۈلۈش بەش جەھەتتىن سىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام تۇرۇشىڭىزغا پايدىلىق ئىكەن، دېگەن خەۋەرنى تارقاتقان. ئۇ بەش جەھەت تۆۋەندىكىچە:

  1. قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، يۈرەك ۋە مېڭىنى قوغدايدۇ. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، سىناق قىلىشقا قاتناشقۇچىلار قىزىقارلىق پىروگراممىلار تۈردىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىنىڭ قان ئېقىم مىقدارى كۆپىيىپ، قان ئايلىنىشى ياخشىلىنىدىكەن.

  2. بېسىم تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدۇ. كۈلۈش ئادەتتە قىزىيولوگىيەلىك ساغلاملىقتا رول ئويناش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە پىسخىك رېئاكسىيەنىمۇ پەيدا قىلىدۇ، مانا بۇ دەل كىشىلەرنىڭ كۈلۈپ تېلىقىپ قالغاندىن كېيىن يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىنىڭ سەۋەبى. ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قاقاقلاپ بىر كۇلۇش ئادەم بەدىنىدىكى كورتىسول، ئادرېنالىن ۋە دوباق قاتارلىق ئۈچ خىل بېسىم ھورمۇنىنىڭ سەۋىيىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %39، %70 ۋە %38 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇلار گەرچە كەيپىياتقا قىسقا ۋاقىتلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، بۇ ئامىللار پىسخىكىلىق كېسەللىكنى داۋالاش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن.

  3. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. كۈلۈش ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ۋە بەدەننى كېسەل بولۇشتىن ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق. دوكتور لى كۈلۈشنى يەنە تەكشى بولغان يېمەك-ئىچمەك، ئاكتىپ ھالدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ياخشى ئۇيقا قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا مۇھىم بولغان ئەنئەنىۋى ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىغا كىرگۈزگەن.

  4. ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر قاتار سىناقلىرىدىن بايقىلىشىچە، سىناق قىلىشقا قاتشاشقۇچىلار بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە كۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاغرىققا چىداش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپ، ئاغرىققا تېخىمۇ ياخشى چىدالايدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئۇنچە كۈلكىلىك بولمىغان پاراڭغا قايتىپ كەلگەندە، سىناق قىلىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاغرىققا چىداش دەرىجىسى تۆۋەنلەيدىكەن.

  5. ئىسسىقلىق مىقدارىنى كۆيدۈرىدۇ. ئامېرىكا ۋاندېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تېبابەت مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: گەرچە كۈلكە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئورنىنى باسسلمىسىمۇ، لېكىن 10- مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە داۋاملىق كۈلۈپ بەرسە، بەدەندىكى 40 كالورىيەگە توغرا كىلىدىغان ئىسسىقلىقنى كۆيدۈرەلەيدىكەن. بۇنداقلا ئەمەس، قاقاقلاپ كۈلۈش ئارقىلىق يەنە قورساق قىسمى، مۈرىسى ۋە كېرىگەت مۇسكۇلى قاتارلىق بەدەن قىسىمىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر