باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاق چاچ توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان سەككىز ئىش

2019.02.20 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكىدىكى «ياخشى غوجىدار» تور بېكىتى ياشانغانلارغا ئاق چاچ چىقىش توغرىسىدا بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، نورمال قېرىش ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. چاچنىڭ ئاقىرىشى قېرىش جەريانىدىكى مۇقەررەر ھادىسە بولۇپ، ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنسىتىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئانتونى بۇنى «50-50-50 قائىدىسى» دەپ ئاتىغان، يەنى كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى %50 ئادەم 50 ياشقا كەلگەندە %50 چېچى كۈلرەڭ، ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدىكەن.

  ئىككىنچى، ئىرق پەرقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن. ئاق تەنلىكلەرنىڭ چېچى تېخىمۇ بالدۇر كۈل رەڭگە ئۆزگىرىشكە مايىل ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل چاچلىقلارنىڭ ئەڭ بالدۇر ئىكەن. ئاسىيالىقلار ئاق تەنلىكلەردىن سەل كېيىن ئىكەن، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەڭ كېيىن ئىكەن.

  ئۈچىنچى، بېسىم بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى فېنبېرگ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى لۇپولنىڭ قارىشىچە، بىسىم چاچنى بىۋاسىتە ئاقارتىۋەتمەيدىكەن، لېكىن كۆپلىگەن تېرە ۋە چاچ مەسىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئېغىر بېسىمنى باشتىن كەچۈرۈش (مەسىلەن خىمىيەلىك داۋالاش) سەۋەبلىك چاچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، قايتا ئۆسۈپ چىققان چاچ بەلكىم ئەسلىدىكىگە ئوخشىمايدىغان رەڭدە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  تۆتىنچى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ تەسىرى چوڭ ئىكەن. تاماكا چېكىش تېرە ۋە چاچقا بېسىم پەيدا قىلىدىكەن. بەدەندە ۋىتامىن B12نىڭ مىقدارى تۆۋەن بولۇش چاچ پىگمېنتىنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكا كلېۋېلاند شىپاخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ نوپۇزلۇق دوختۇرى ۋېلما ئاق چېچى كۆپ ياشانغانلارغا سەۋزە ۋە ھايۋانات جىگىرى يېيىش تەكلىپى بېرىدۇ.

  بەشىنچى، چاچ بويىغاندا چاچ سۈپىتى ۋە قۇرۇلمىسى ئۆزگەرمەيدىكەن. چاچ غول ھۈجەيرىسى چاچ ياسايدىغان بولۇپ، پىگمېنت شەكىللەندۈرىدىغان غول ھۈجەيرە پىگمېنت ياسايدىكەن، بۇ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل فىزىئولوگىيەلىك جەريان ئىكەن. نورمال ئەھۋالدا، ئىككى خىل غول ھۈجەيرە بىللە خىزمەت قىلىدىكەن، لېكىن بۇ ئىككى خىل ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدىكەن، بەزىدە بالدۇر ئۆلىدىكەن. چاچ بوياش دورىسى پەقەت چاچ ئۈستىنى رەڭ بىلەن بويايدىكەن، چاچنىڭ سۈپىتى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن.

  ئالتىنچى، چاچ ئاقارمايدىكەن، بەلكى مۇشۇنداق ئۆسۈپ چىقىدىكەن. بىر تال چاچ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئۆسىدىكەن، ئاندىن چۈشۈپ كېتىپ، يەنە يېڭىدىن ئۆسىدىكەن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆسۈپ چىققان يېڭى چاچ كۈلرەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھەر قېتىم چاچ قايتا ھاسىل بولغاندا، چوقۇم قايتىدىن پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن، ۋاھالەنكى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى سۈركىلىش سەۋەبلىك ئاقىرىپ كېتىدىكەن.

  يەتتىنچى، ئاق چاچ باشقا رەڭلىك چاچلارغا قارىغاندا يىرىك ئەمەس ئىكەن. ئاق چاچلىق ئەمەلىيەتتە باشقا رەڭلىك چاچلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە، نەپىس ئىكەن، لېكىن سىيلىغاندا قۇرغاق ئىكەن، بۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، باش تېرىسىدە ھاسىل بولغان ماينىڭ تېخىمۇ ئاز بولغانلىقىدىن ئىكەن. ئاق چاچنىڭ يىرىك كۆرۈنۈشىنىڭ يەنە بىر سەۋەب شۇكى، چاچنى ئۈزلۈكسىز يۇلۇۋېتىش تۈك خالتىسىنى تولغىۋېتىدىغان بولۇپ، يېڭى ئۆسۈپ چىققان چاچنىڭ بۈدۈر بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  سەككىزىنچى، ئاق چاچنى بوياش تېخىمۇ تەس ئىكەن. ئەگەر چېچىڭىزنى بوياتماقچى بولسىڭىز، ئاق چاچنى بوياشنىڭ تېخىمۇ تەس ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى ئاق چاچنىڭ چاچ بويىقىغا قارشى تۇرۇشچانلىقى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر