باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قورسىقىڭىزدا ئارتۇق گۆش كۆپمۇ؟

بۇ 10 خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قورساق قىسمىڭىزدىكى مايغا تاقابىل تۇرۇڭ

2019.02.19 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم بەدىنىنىڭ قورساق قىسمى ماي ئەڭ ئاسان يىغىلىپ قالىدىغان قىسىملارنىڭ بىرى. ئەگەر قورساق قىسمىڭىزدىكى ئارتۇق گۆشلەرنى تېز سۈرئەتتە ئازايتىپ، قايتىدىن مۇكەممەل بەدەن شەكلىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز توغرا ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئىنتايىن مۇھىم. فىرانسىيەدىكى «فىگارو خانىم» ناملىق مودا ژۇرنىلى قورساق كۆپۈشنى تۈگىتىپلا قالماي، يەنە قورساق قىسمىدىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى يوقىتىدىغان بىر نەچچە كىچىك تەكلىپ بەردى.

  بەزىدە قورساق قىسمىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى يېمەك-ئىچمەك ياخشى بولماسلىقىدىن پەيدا بولغان كۆپۈش ھادىسىسى بولۇپ، كۆپۈكلۈك ئىچىملىك ئىچىش، بەدەندىكى ھاۋا كۆپ بولۇش، قەۋزىيەت، بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئېچىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قورساق كۆپۈشنى پەيدا قىلىدۇ، ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بولماسلىق پەيدا قىلغان بېسىممۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ناھايىتى ئاددىي: تاماق يېگەندە، جىمجىت ئاستا يېيىش، ئاز دېگەندىمۇ 20 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىش، چاينىغاندا گەپ قىلماسلىق لازىم. يەنە مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش لازىم، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەبىئىي مەۋجۇت بولغان تالا بىلەن ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر بىرىكىپ، ئاشقازاننى غىدىقلاشنى ئازايتىپ، بۇ ئارقىلىق قورساق كۆپۈشنى ئازايتىشقا بولىدۇ.

  يېمەك-ئىچمەك بەك مول بولۇپ كېتىش، بولۇپمۇ قەنت تۈرىدىكىلەرنى سۈمۈرۈش ئېشىپ كېتىش بولسا قورساق قىسمىغا ماي يىغىلىپ قېلىشتىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭا شېكەر ۋە قەنت-شېكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېز كونترول قىلىش − قورساقنى كىچىكلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زەيتۇن يېغى ۋە سۈنئىي سېرىق ماي ئىستېمال قىلغاندا، ئارتۇقچە ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يەنە قەرەللىك ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرغاندا، قورساقنى ئۈنۈملۈك، تېز كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.

  بەزى يېمەكلىكلەر يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە قورساقتىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى ئازايتىشقا ئىنتايىن پايدىلىق. مەسىلەن، تەركىبىدە تاغ نەشپۈت شېكىرى ئالكوگولى مول بولغان نەشپۈتنى يېيىش ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق. ئالمىمۇ يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئورۇقلاشتىكى ياخشى ياردەمچى. سەرەبىلنىڭ سۇ تەركىبى %92تىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

  ئامېرىكىدىكى بىر ساغلاملىق تور بېكىتى كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى قورساق قىسمىدىكى ماينى يوقىتىشقا پايدىلىق 10 خىل ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىقتى.

  1. كۆپ چېنىقىش، چېنىقىشنىڭ سىجىللىقى يۇقىرىراق بولۇش؛

  2. ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئۆرە تۇرۇش ئولتۇرغاندىن ياخشى؛

  3. ئۆزىنى تەڭشەش، يېمەكلىك مىقدارىنى كونترول قىلىش؛

  4. سۈپەتكە كۆڭۈل بۆلۈش، ساغلام ياغ ئىستېمال قىلىش؛

  5. تاماق ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تاماقنى بەك كەچ يېمەسلىك؛

  6. ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى تەنھەرىكەتلەرنى سىناپ بېقىش؛

  7. ئۇيقۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئارام ئېلىش؛

  8. ھەمراھ تېپىپ، بىللە ئۈنۈملۈك چېنىقىش؛

  9. بېسىمنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، ياغنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىش؛

  10. كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولغاندا، پائال مۇۋاپىق داۋالىنىش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر