باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئون ئادەت يۈرەكنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ

2019.02.15 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش ۋە چېنىقىشنى كۈچەيتىش − يۈرەك ئاسراشتىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. لېكىن يېقىندا ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارغانسېرى كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا ئوزۇقلىنىش ۋە تەنھەرىكەتتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كىچىك ئۇسۇللارنىڭمۇ يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  1. قۇچاقلاش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆيگىنى بىلەن قۇچاقلىشىش ئادەم بەدىنىدە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، بىسىمنى يوقىتىشقا پايدىلىق بىر خىل ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن.

  2. قاقاھلاپ كۈلۈش. قاقاھلاپ كۈلۈش قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى غىدىقلايدۇ، ئەڭ چوڭ بولغاندا كېڭىيىشى %22كە يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىشى ئاشۇرۇلۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  3. شاكىلات ئىستېمال قىلىش. كاكائو پۇرچىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا مول بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەننىڭ سىرتنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  4. ئەرمەك ھايۋان بېقىش. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرمەك ھايۋان باقىدىغانلارنىڭ قان بېسىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئەرمەك ھايۋان باقمايدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ بەلكىم ئەرمەك ھايۋان باقىدىغانلارنىڭ چېنىقىش ۋاقتى ئەرمەك ھايۋان باقمايدىغانلارنىڭكىدىن كۆپ بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

  5. ھەر ھەپتىدە بىر كۈن گۆشسىز تاماق يېيىش. گۆشنى ئاز يېيىش بولسا يۈرەكنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق گۆشسىز تاماق يېگەندە %23 يۈرەك كېسىلى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر كۈن گۆشسىز تاماق يېيىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  6. تىك تۇرۇش. مەيلى خىزمەت قىلغاندا ياكى ئارام ئالغاندا بولسۇن، بىز بىر كۈن ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا ئولتۇرىمىز، بۇ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئورۇندىن تۇرۇپ ئىشخانىدا سەيلە قىلىپ، خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ياكى ھەر نەچچە سائەتتە بىر قېتىم ئەتراپنى ئايلانغاندا، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  7. مۇۋاپىق ئۇخلاش ۋاقتىنى ساقلاش. ھەر كۈنى كېچىدە يەتتىدىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇ بەك ئاز بولۇش يۈرەك كېسىلى خەۋپ-خەتىرىنى %48 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، بەك كۆپ ئۇخلاشمۇ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى %38 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  8. كوفېئىن ئىستېمال قىلىش. ھەر كۈنى بىردىن ئۈچ ئىستاكانغىچە قارا قەھۋە ئىچىپ بېرىش يۈرەك رېتىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  9. شاۋقۇنلۇق تاشيولدىن يىراقلىشىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۇچراشقان شاۋقۇن ھەر 10 دېتسىبېل ئاشقاندا، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى %12 ئۆرلەپ كېتىدىكەن.

  10. توي قىلىش. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، توي قىلغانلارنىڭ يۈرىكى بويتاقلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 10 يىل داۋاملاشقان مۇقىم تۇرمۇش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى %13 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر