باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خامۇشلۇقنىڭ ئون تۈرلۈك ئىپادىسى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 6-دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن مۇدىر ۋراچ ليۇ چى

2019.02.14 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەيلى «تارقىلىشچان زۇكام قىيناۋاتقان بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا ياشلىقلار» بولسۇن، ياكى «بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەمراھ بولغاندا ئاچچىقتىن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇپ قالاي دېگەن» ئانىلار بولسۇن، ھەتتا «چاچ مىقدارىدىن تەشۋىشلىنىش»كە باشلىغان «90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» بولسۇن، قاتمۇقات بېسىم ئاستىدا «ئىچى سىقىلىش»، «خامۇشلۇق» دېگەن سۆزلەر گويا كىشىلەرنىڭ ئادەت سۆزى بولۇپ قالماقتا. ئۆزىنى «خامۇش» ھېس قىلسىلا، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولامدۇ؟

  ناچار كەيپىيات خامۇشلۇق كېسىلىگە تەڭ ئەمەس

  ناچار كەيپىيات ئەلۋەتتە خامۇشلۇق كېسىلى دېگەنلىك ئەمەس، خامۇشلۇق كېسىلى تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. كەيپىياتى بەك چۈشكۈن ياكى ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلىش: بەزىلەر كەيپىياتىنى «بىر پارچە تۇتۇق ئاسمان، يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇنقى تۇتۇق ھاۋا»غا ئوخشىتىدۇ.

  2. ئىش قىلغاندا قىزغىنلىقى يوق ياكى قەتئىي قىزىقماسلىق: ئىلگىرى قىزىقىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىقماسلىق، زورلاپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ھېچقانداق خوشاللىق تاپالماسلىق.

  3. ئۇيقۇ مەسىلىسى: ئۇيقۇغا كىرىش تەس بولۇش، تىنچ ئۇخلىيالماسلىق، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش ياكى كۆپ ئۇخلاش قاتارلىقلار.

  4. ھارغىنلىق ياكى ماغدۇرسىز ھېس قىلىش: خامۇشلۇق ئادەمنى زېھنىي كۈچىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ، ئىش قىلغاندا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولمايدۇ.

  5. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ياكى بەك كۆپ يېيىش: يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسى كۆپ ھاللاردا كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاش ياكى بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىشكە ئەگىشىپ كېلىدۇ.

  6. ئۆزىنى بەك ناچار ياكى بەك مەغلۇبىيەتچىدەك ھېس قىلىش ياكى «ئۆيدىكىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدۇم»، دەپ قاراش.

  7. دىققىتىنى يىغالماسلىق: ئىش قىلغاندا دىققىتىنى يىغالماسلىق، تېلېۋىزور، گېزىت كۆرگەندە دائىم دىققىتى چېچىلىپ كېتىش.

  8. گەپ قىلغان، ئىش قىلغاندا كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ كېتىش: خامۇشلۇق ئېغىر كىشىلەر ھەممە يېرى داتلاشقان ماشىنىغا ئوخشايدۇ، گەرچە ھەرقانداق بىر زاپچاس بۇزۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي ئايلىنىشى راۋان بولمىغاندەك بولىدۇ.

  9. ئۈمىدسىز قاراش: «ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ» دەيدىغان ياكى مەلۇم خىل ئۇسۇلدا ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش خىيالىدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

  10. فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى: مەسىلەن باش قېيىش، باش ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، تەرلەش، سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن قورقۇش، تېرىسى ئۇيۇشۇش، كۆپ سىيىش، سۈيدۈك قىستاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

  بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەردە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت يۇقىرىقى نەچچە جەھەتتىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۈستىگە نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تەسىر قىلغاندا، ئاندىن خامۇشلۇق كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر